سالوننى مۇنداق باشقۇرىمىز

 سالام تورداشلار مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىك بولسۇن يېقىندىن بۇيان خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇنبەرگە قاراپ بولالمىدىم ، شۇڭلاشقا تورداشلاردىن كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىرگە كومپىيۇتىردا سالون باشقۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قانچە قىستۇرمىلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم قۇرۇق گەپ مۇشۇ يەردە تۈگىسۇن نەق گەپكە كىلەيلى … سالون باشقۇرۇش دىتالى ۋىيشاۋباۋ توختاپ كەتكىلىمۇ ئۇزۇن كۈنلەر بوپ كەتتى …

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپچىلىك تولا سوراپ كەتكەن ئىنتايىن قولايلىق بولغان بۇ قىستۇرمىنى ( بۇ كومپىيۇتىرغا قاچىلايدىغان دىتال ئەمەس ، بەلكى كومپىيۇتىرنىڭ تور كۆرگۈچىگە قاچىلايدىغان قىستۇرما ) تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن سۇنماقچى بولىۋاتىمىز … ئالدى بىلەن تونۇشتۇردىغىنىمىز ۋولقان سالون تىما تەييارلاش ياردەمچى قىستۇرمىسى بولۇپ بۇ قىستۇرمىنى ئىزقۇت تور تىخنىكا چەكلىك شىركىتى كەڭ سالوندارلار ئۈچۈن تەييارلاپ ھەقسىز تارقاتقانىكەن . ئەلۋەتتە كەڭ تورداشلار نامىدىن ئىزقۇت تور تىخنىكا چەكلىك شىركىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز … قىستۇرما ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە :


قىستۇرمىنى قاچىلاپ سالون تىما تەييارلاش  بىتىنى ئاچقاندىن كىيىنكى ھالىتى مانا مۇنداق :

كۆرگىنىڭلاردەك بۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىپ كومپىيۇتىردا تىما تەييارلىغاندا ئۇيغۇرچە خەت ۋە پىنيىنچە خەتلەر نورمال ھالەتتە ئارلىشىپ كەتمەي كۆرنىدىكەن ، باشقا سالوندىن مەزمۇن كۆچۈرۈپ كۆنۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن تېما كۆچۈرۈش دەپ بىر ئىقتىدارى بار بولاپ سىز پەقەت كۆچۈرمەكچى بولغان تىمىنىڭ سالون ئۇلانمىسىنى چاپلىسىڭىزلا تىمىنى شۇ ھالىتىدە كۆچۈرۈپ ئەكەپ بىرىدىكەن . ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ كۆچۈرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان مەزمۇننى كۆچۈرۈپ كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە بولىسىز …

ئالاھىدە تەكىتلەپ قۇيسام بۇ قىستۇرما كومپىيوتىرنىڭ تور كۆرگۈچ قىستۇرمىسى يانفۇندا ئىشلىتەلمەيسىز ، شۇڭا بۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چۇقۇم سىزدە بىر كومپىيوتىر بولۇشى كىرەك ، مۇھىم يىرىگە ئەمدى كەلدۇق ، بۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن سالونىمىزغا wolkan دەپ يوللىغاندىن چۈشۈرۈش ئادرىسىنى كۈچۈرۈپلا تور كۆرگۈچكە چاپلاپ چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن قاچىلاپ ئىشلىتىشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، قاچىلاش ئۇسۇلى ئالاھىدە مۇرەككەپمۇ ئەمەس … تۆۋەندىكى ۋېدىئولۇق دەرىس بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش3تارتۇقلاش
تارقىتىش
ئىنكاس

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ