كومپيۇتېر ئىلمى توغرىسىدىكى 40 خاتا چۈشەنچە

ھازىر جەمىيىتىمىزدە كومپيۇتېر ئىلمى ( Computer Science قىسقارتىلىپ CS دېيىلىدۇ ) ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئالقىشلىق كەسپىلىرىنىڭ بىرى . بىراق جەمئىيەتتە بۇ كەسىپكە قارىتا نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەر بار ، ھەتتا بۇ كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ خاتا چۈشەنچىلەر بار . يېقىندا ئامېرىكىلىق كومپيۇتېر ئىلمى ئوقۇتقۇچىسى بىر دانە تېزىملىك تېزىپ چىققان بولۇپ ، جەمئىيەتنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى كەسپى ۋە كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىدە ئوقۇپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان خاتا چۈشەنچىلىرىنىڭ ئالدىنقى 40 نى رەتكە تېزىپ چىققان .

1. كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىنى ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى C ۋە ++C تىلىغا پىششىق .

2. Java تىلى بارلىق پروگرامما تۈزۈش ئېھتىياجلىرىنىڭ مۇۋاپىق تاللىشى .

3. پروگرامما تۈزۈشنى بىلىش كومپيۇتېر ئىلمىنى چۈشەنگە تەڭ .

4. كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇنەۋۋەر پىروگراممېر .

5. كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر پىروگرامما تۈزۈشنى بىلىدۇ .

6. كومپيۇتېر ئىلمى پروفېسورى پىروگرامما تۈزۈشنى بىلىدۇ .

7. كومپيۇتېر ئىلمى پروفېسورى كومپىيوتېر ئىشلىتەلەيدۇ ۋە ئالاقە تورى پىرىنسىپىنى تولۇق چۈشىنىدۇ .

8. ئەگەر بىر يۇمشاق دېتال مېنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىمدا ئىشلىيەلىسە، باشقىلارنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىدىمۇ ئىشلىيەلەيدۇ .

9. StackOverflow نىڭ سوئال-جاۋابلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك .

10. ئەگەر بىر بۆلەك يېڭى كود توردا پەيدا بولسا، سىزنىڭ ئۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

11. ئوچۇق مەنبەلىك يۇمشاق دېتال خاتالىقلار ئاز ۋە بىخەتەر دېتالدىن دىرەك بېرىدۇ .

12. ئوچۇق مەنبەلىك يۇمشاق دېتال (open software) ۋە ھەقسىز يۇمشاق دېتال (free software) مەنىداش سۆز .

13. Unix بىلەن Linux مەنىداش سۆز .

14. bash بىلەن sh مەنىداش سۆز .

15. git بىلەن GitHub مەنىداش سۆزلەر .

16. AWS ۋە «بۇلۇت مۇلازىمىتى» مەنىداش سۆز .

18. «شىفىرلاشتۇرۇش» بىلەن «بىخەتەرلىك» مەنىداش سۆز .

19. ئەقىللىق پروگرامما تۈزگۈچى ياخشى پىروگرامما تۈزەلەيدۇ .

20. پروگرامما تۈزۈش ئىقتىدارى بىر مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارى .

21. كومپيۇتېر ئىلمى ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇش بىر مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە شەرتى .

22. كومپىيۇتېر ناھايتى ئاسانلا پىروگراممىلارنى ئانالىتىك قىلىپ بولالايدۇ .

23. كومپيۇتېر ئىلمىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئېلېكترونلۇق يوللانما ئادرېسىنى قانداق تەھقىقلەشنى بىلىدۇ .

24. شىركەتلەر كومپيۇتېر ئىلمىدە ئوقۇغان خادىملارنى قوبۇل قىلغاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە قايسى دەرىسلەرنى تاللاپ ئۆگەنگەنلىكىگە قارايدۇ .

25. تەقسىملەنمە تور (分布式网络) ئىشەنچلىك .

26. ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتى ئىشەنچلىك .

27. AWS بۇلۇت مۇلازىمىتى ئىشەنچىلىك

28. سىز پۈتۈن ھۆججەتنى ئىچكى ساقلىغۇچقا ئوقۇپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ .

29. ھۆججەت ئۆچۈرۈش توغرا كەلسە، بۇ ھۆججەت يېزىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كىرەك .

30. ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈش ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پروگرامما تۈزۈش ئۇسۇلى .

31. كومپيۇتېر ئىلمىدە ئوقۇغانلار خاككېرلارغا بوزەك بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار كومپىيوتېرنى ياخشى چۈشىنىدۇ .

32. تېخنىكا ۋا ھېسابلاش ئۇسۇلى B تەرەپ ئورۇندا .

33. ئىجتىمائىي پەن ئۆگىنىش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق .

34. سىزنىڭ كەسپىي ھاياتىڭىز كۆپ مىقداردا ماتېماتىكا ئىشلىتىشكە مۇھتاج .

35. ئەگەر بىر خىل تېخنىكا ناھايىتى ئىلغار بولسا، ئۇنى چوقۇم ئىشلىتىش كېرەك .

36. ئەگەر بىر تېخنىكا 5 ياشتىن ئېشىپ كەتسە ، ئۇ يېڭى تېخنىكا ئەمەس .

37. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سىزنىڭ يەنە خوفمان كودىنى ئۇچرىتىش پۇرسىتىڭىز بار .

38. كومپيۇتېر ئىلمى ئۇنۋانىغا ئىگە ئىككى ئادەمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بىلىمى ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ .

39. ئىلىم پەن ساھەسى مەلۇم دەرىجىدە رېئال دۇنيا بىلەن ئوخشىمايدۇ .

40 . ھېچكىم بۇ يەرگە بۇ خىل سانلىق مەلۇماتنى كىرگۈزمەيدۇ .

ئەلۋەتتە، يۇقارقىلاردىن باشقا ئەتراپىمىزدىمۇ كومپىيۇتېر ئىلمى ، ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىنى چۈشەنمەيدىغان ھەرخىل ئادەملىرىمىز بار . بىلىپ بىلمەي ھەرخىل ئوڭايسىز ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ تۇرىمىز . بەزىدە كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇغان ، كومپىيوتېرنى ئاز-تولا چۈشىنىدىغان ئادەم بولماقمۇ تەسكە توختايدۇ . مەسىلەن :

1. ئۇكام كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇدۇم دىگەنتىڭ ، كومپىيوتېرىمغا سىستېما قاچىلاپ بەرگەن بولساڭ .

2. ئاداش  كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇدۇم دىگەنتىڭ ، تېلفۇنىمغا ناخشا قاچىلاپ بەرگەن بولساڭ .

3. ئاداش ماۋۇ قىز بالىنىڭ كۇكۇ مەخپىي نومۇرىنى تىپىپ بەرسەڭ ، ئاسانلا ئىشقۇ بۇ ھە ساڭا .

4. ئاداش ئاددىيلا قىلىپ تاۋباۋدەك سودا بەت ياكى ئەپچىدىن بىرنى ياساپ بەرسەڭ .

ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن قىززىقارلىق ئىشلار بەك كۆپ …


ئەمدى بىز بۇ يەردە يۇقارقى نۇقتىلارنى مىسال ئېلىش ئارقىلىق ، كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىگە قادىر بولىشى ، ھەممە ئىلىمنى چۈشىنىپ كىتىشى ، ياخشى پىروگراممېر بولىشى ناتايىن ئىكەنلىكىكىنى ، كومپىيوتېر پىروگراممىلىرى ، تور بىكەت ، ئەپلەرنىڭ ئاسانلىقچە ۋۇجۇدقا كەلمەيدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتمەكچى خالاس .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
ئىنكاس

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ