سالام تورداشلار مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن نەچچە كۈندىن بىرى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قېلىش سەۋەپلىك مۇنبەرگە يىڭى مەزمۇنمۇ يوللاپ باقماپتىمەن ، ھەم كىمدۇر بىرى ئىزچىل مۇنبىرىمىزگە ھۇجۇم قىلغانمۇ بولدى ، بىزمۇ كاللىسى بار ئادەملە بولغاندىكىن ھۇجۇمغا قارىتا ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزگەن بولدۇق ، مۇنبەر داۋاملىق نورمال ھالاتتە ماڭىدۇ دىمەكچىدە 😀 شۇندا قىلىپ بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا كومپىيوتىرىڭلاردا كەم بولسا بولمايدىغان 火绒安全 دىتالىنى سۇنۇشنى توغرا تاپتىم ، قۇرۇق گەپلەر مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ئاساسى مەخسەتكە كىلەيلى …
ئادەتتە كومپىيوتىمىزدا ئىھتىياجىمىزغا قارىتا قاچىلانغان نۇرغۇن دىتاللار بولىدۇ ، بۇ دىتاللارنىڭ بەزىلىرى ھەقلىق بەزىلىرى ھەقسىز بەزىلىرى يىشىۋېتىلگەن دىگەندەك … ھەم كومپىيوتىرىمىزدا ئانچە مۇنچە بولسا بولماس يېرىم يالىڭاچ ياكى باشقىچە مەزمۇنلاردىكى ئېلانلارمۇ چىقىۋېلىپ نورمال مەشغۇلات قىلىشىمىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ … بۈگۈنكى تىمىمىزدا دەل مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئۈزۈل تىگىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچىمەن ، دىققىتىڭلار تىما داۋامىدا بولسۇن …
دىتال ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
火绒安全 دېتالى بولسا يېڭى بىر ئەۋلاد تولۇق ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى بولۇپ ، ئىقتىدارى كۈچلۈك تۆۋەن قاتلام تېخنىكىسى ۋە ئىلغار مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىپ ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تېمىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، پۇختا ، كۆپ قاتلاملىق بىخەتەرلىك مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ، قەستكاردىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە مۇكەممەل بولغان بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى ھىساپلىنىدىكەن …
دېتال ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھەققىدە
1 – پاكىزە : ھېچقانداق كېڭەيتىش خاراكتىرىدىكى ئەسكەرتىش كۆزنەك ھالەتتىكى ئېلانلا يوق ئېلانسىز دىمەكچىدە 😀
2 – يىنىك : قاچىلانغاندىن كىيىن ئىگىلەيدىغان بايلىق ئاز كۈندىلىك خىزمەت ، ئويۇن ئويناشقا تەسىر يەتمەيدۇ 😀
3- ئاددى : بىر كۇنۇپكا بىلەنلا چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز ، ئالاھىدە مۇرەككەپ بولغان تەڭشەش باسقۇچلىرى يوق 😀
4 – ئاسان : دېتالنىڭ ئىقتىدارى كۆپ قېتىم ئەلالاشتۇرۇلغان ، ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ، ئايلىنىشى راۋان 😆
دېتال ئاساسلىق ئىقتىدارى ھەققىدە
بىر كۇنۇپكا بىلەن ۋىرۇسنى سىكاننېرلاپ ، تەكشۈرۈپ ئۆلتۈرەلەيسىز ، كومپىيوتىرىڭىز تورغا ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغان بولسۇن مۇھىت تەسىرىگە ئۇچرىمايسىز ، تەكشۈرۈش ، سىكاننىرلاش ، ئۆلتۈرۈش نەتىجىسىنى بايان قىلىشقا بولىدۇ ، ۋىرۇسنىڭ قايسى تۈردىكى ۋىروس ئىكەنلىكىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ ، تەكشۈرۈش سىكاننىرلاش ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ ، خاتا مەلۇم قىلىش نىسبىتى تۆۋەن ، كومپىيوتىر قاتتىق دېتالىغا بولغان ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئورگان تورىغا كىرىپ بىلىۋېلىڭ …
دېتال ئېجرا مۇھىتى ھەققىدە
مەن ھازىرچە كومپىيوتىرىمغا win10 سىستىما قاچىلاغلىق جايىدا ئىشلەۋاتىدۇ بۇ 火绒安全 دىگەن ئوقەت ، ھەم ئورگان تورىدا مەن دىققەت قىمىدىممۇ ياكى ئىشقىلىپ ئەيتاۋۇر ئالما نۇسقىسىنى ياكى لىنىكۇش نۇسقىسىنى كۆرمىدىم ، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئورگان تورىغا كىرىپ بىلىۋېلىڭ … دىتالنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن سالونغا hx ھەرىپىنى يوللاڭ ياكى ئاستىدىكى چۈشۈرۈش كۆزنىكىدىن چۈشۈرۈڭ ، ئەمىسە بۈگۈنكى تىما مۇشۇ يەردە ئاياغلاشقان بولدى مەزمۇن يارىغان بولسا چەمبىرەككە چىقاغاچ زەن بېسىپ قۇيىشاسىزلە رېخمىت 😆
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش