Ultra IOS دا بارماقدېسكىغا ئويۇش

نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر كۆپ قېتىم ئايرىم خەت يېزىپ قانداق قىلغاندا كومپىيوتىرغا مەشغۇلات سىستېمىنى ئەڭ پاكىز ، ئىشەنچلىك ئېلانسىز ھالەتتە قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى سورىدى . بۇ ھەقتىكى پارچە پۇرات جاۋابلاردىن كۆرە ، بۇ تېمىدا مەخسۇس توختىلىپ Ultra ISO دىتالىدا بارماقدېسكىغا ئويۇش ۋە كومپيۇتېرغا مىكروسوفت تەۋسىيە قىلغان قاچىلاش شەكلىدە قاچىلاپ ئىشلىتىش ھەققىدە دەرسلىك ئىشلىدۇق . دىققىتىڭىز مەزمۇن داۋامىدا بولسۇن …

Ultra IOS دا بارماقدېسكىغا ئويۇش

1 – قەدەمدە سالونىمىزنى قۇشۇپ Ultra ISO خېتىنى يوللاش ئارقىلىق ۋە ياكى بۇ يەرنى بېسىش ئارقىلىق Ultra ISO دىتالىنىڭ يېشىل نەشرىنى چۈشۈرىمىز 2 – قەدەمدە Ultra ISO دىتالىنى پىرىستىن يىشىپ Ultra ISO.exe ناملىق پىروگىرامما ھۆججىتىنى ئېجرا قىلىمىز 3 – قەدەمدە چۈشۈرۈپ تەييار قىلىۋالغان مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ ISO ھۆججىتىنى ئاچىمىز يەنى تۆۋەندىكىدەك …


ئاندىن بارماقدېسكىنى چېتىپ ، تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويىچە بارماقدېسكىغا ئويىمىز ( ئاۋۋال فورماتلاپ ئاندىن ئويساق تېخى ياخشى ) بارماقدېسكىنى تاللىغاندا بەك دىققەت قىلىڭ ، خاتا تاللاپ قويسىڭىز سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز ( ئامال بار بارماق دىسكىڭىزدىكى ھۆججەت ماتىرياللىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىڭ كومپىيوتىرىڭىزنىڭ س دىسكىدىن باشقا  قايسى دىسكا بولسا بولىۋېرىدۇ ) 写入 نى باسقاندىن كېيىن چىققان ئەسكەرتمىدىن «ھەئە» نى بېسىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ .


ئويۇش تامام بولغاندا بارماقدېسكىنى تارتىۋېلىش ئەسكەرتمىسى چىقىرىدۇ ، ئەگەر ئەسكەرتىش چىقمىسا 刻录成功 دەپ خەت چىقىدۇ شۇنىڭ بىلەن سىستېما قاچىلاش بارماقدېسكىسى تەييار بولدى دىگەن گەپ … ئەمدى بارماقدىسكىدىن قوزغىتىپ سىستىما قاچىلاش قىسمىغا يەنى ئەڭ ھاياجانلىق قىززىق يەرلىرىگە كەلدۇق دىققەت … 😀

بارماقدىسكىدىن قوزغىتىپ سىستىما قاچىلاش

كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ ، F12 كونۇپكىسىنى ( قىسمەن كومپيۇتېرلاردا F8 نى ) بېسىپ تۇرساق قوزغاتقۇچنى تاللاش تىزىملىكى چىقىدۇ . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك … ئالدىرىماڭ ھاياجانلىق مىنۇتلارغا ئەمدى كىلىمىز … 😎

يۇقىرىدىكى تىزىملىك ھەر خىل كومپيۇتېرلاردا ئوخشاش بولمايدۇ . ئەگەر بارماقدېسكا ئۇلانغان ھالەتتە بۇ تىزىملىكتە بارماقدېسكا كۆرۈنمىسە ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قوزغىلىش تەڭشىكى UEFI ھالەتتە بولغان بولىدۇ ، BIOS قا كىرىپ ، چوڭقۇرلاپ تەڭشىشىڭىز كېرەك ھەر خىل كومپيۇتېرلارنىڭ تەڭشەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا ، مەن بۇ يەردە ئۆزەمنىڭ كومپيۇتېرىمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتسەم سىزنىڭكىگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن ، بەيدۇدىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ماركا ۋە تىپىغا ئاساسەن تەڭشەش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ .
بارماقدېسكىدىن قاچىلاش پروگراممىسى ئوڭۇشلۇق قوزغالغاندىكى ھالەت يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :


كېيىنكى قەدەم :


« ھازىر قاچىلاش » نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز ، بىر قانچە ئۇششاق تاللاشلاردىن كېيىن ، « دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ قاچىلاش » ۋە « يېڭىباشتىن قاچىلاش » دەپ تاللاش چىقىدۇ ، ئۇنىڭدىن يېڭىباشتىن قاچىلاشنى تاللايمىز ، ئاندىن قاچىلايدىغان دېسكا رايونىنى تاللايدىغان باسقۇچقا كەلگەندە ، C رايوننى فورماتلىۋېتىپ ، ئاندىن كېيىنكى قەدەمگە ئۆتسەك بولىدۇ :


باشقا دىئالوگلار ئانچە قىيىن ئەمەس . ئېھتىياجىمىز بويىچە تاللاپ بېرىپ داۋاملاشتۇرساقلا بولىدۇ . قاچىلاش جەريانى تەخمىنەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا تاماملىنىدىغان بولۇپ ، بۇ جەرياندا بىر نەچچە قېتىم قايتا قوزغىلىدۇ ( دىققەت : قايتا قوزغالغاندا قاتتىق دېسكىدىن قوزغىتىمىز ) . نورمال قاچىلىنىپ بولغاندا Windows10 نىڭ ئۈستەل يۈزىگە كىرىدۇ :

سىستىمىنى ئاكتىپلاش

سىستېمىنى ئاكتىپلاش دېگەنلىك – سېتىۋېلىش دېگەنلىك بولۇپ ، دىيارىمىز ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا  مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ باھاسى خېلىلا قىممەت ھېسابلىنىدۇ ، شۇڭلاشقا كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچىنچى تەرەپ ئاكتىپلاش قوراللىرى ئارقىلىق ئاكتىپلاپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ، بەيدۇدىن Win10一键激活 ئاچقۇچلۇق سۆزى ئارقىلىق ئاكتىپلاش قوراللىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ ( بۇ ئۇسۇلنى بەك تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ھەقىقى نەشرىنى ئىشلىتىڭ) ئەمما كۆپلىگەن ئاكتىپلاش قوراللىرى ئەخلەت ئېلان ۋە لۈكچەك دېتاللارنى كومپيۇتېرغا بىللە قاچىلاپ قويىدۇ ، ئاپتور تەۋسىيە قىلماقچى بولغان ئاكتىپلاش ئۇسۇلى بولسا قۇلايلىق بىخەتەر سىناقتىن ئۆتكەن بولۇپ پىندودو (拼多多) يانفۇن ئەپ دىتالىدىن Win10激活码 ئاچقۇچلۇق سۆزى ئارقىلىق ئىزدىسىڭىز ساماندەك 😀 ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى سىستىمىڭىزنىڭ تىپىغا ئاساسەن تاللاپ سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ناھايىتى ياخشى ئامال … مەسىلەن مىنىڭ سىستىمامنىڭ تىپى تۆۋەندىكىدەك :

بۈگۈنكى مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى ، تېخىمۇ كۆپ كومپيۇتېر ، يانفون ، تور بىلىملىرى ۋە تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئۆگىنىشكە قىزىقسىڭىز ، مۇنبىرىمىزگە دىققەتتە بولغايسىز . ياقتۇرغان تېمىلارنى دوسلىرىڭىزغا ياكى چەمبىرەك ئارقىلىق باشقىلارغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ تەرەققىيات قوللاشتىن كىلىدۇ ئەمەسمۇ 😀

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش2تارتۇقلاش
تارقىتىش
ئىنكاس

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ