‫Win10 نىڭ ئەڭ پاكىز يېنىك نۇسخىسى

مىكروسوفت شىركىتى 2020 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى Win7 نى قوللاشنى توختاتتى ، ئەمما يەنىلا كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر ھېلىھەم بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ ، شۇنداقلا خېلى بىر مەزگىلگىچە بازاردىن چېكىنمەسلىكى مۇمكىن . بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى – دەل Win7 نىڭ Win10 غا قارىغاندا سىستېما بايلىقىنى ئاز ئىگىلەيدىغانلىقى ، ئىقتىدارى مۇقىم ۋە مەشغۇلاتى راۋان بولۇشىدىن ئىبارەت ، يېڭىدىن Win10 غا كۆچكەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ نارازى بولغان بىر تەرىپى- ئەمدىلا سىستېمىنى ۋە قوللانما يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ تەييار بولغاندا توختىماستىن سىستېما ئۆزىنى ياماپ ، قايتا قوزغىتىشقا ئۇزۇن ساقلىتىپ ، ئىش ئۈنۈمىنى ئاقسىتىپ قويغانلىقىدا .


ئەمەلىيەتتە Win10 نىڭمۇ مۇقىم ، يەڭگىل نۇسخىسى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ «تاراشلاپ» بىر تەرەپ قىلىشىدىن ئۆتكەن بولماستىن ، بەلكى مىكروسوفت ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن نۇسخىسى . بۇ نۇسخىسىنىڭ نامى : Windows 10 Enterprise LTSC بولۇپ 32 خانىلىق مەشغۇلات سىستىمىسى (دۆلەت تىلىدا 32位操作系统 دەپ ئاتايدىكەنمىز) مەخسۇس كارخانىلار ئۈچۈن تەمىنلەنگەن سىستېما پاكىز ، يەڭگىل ۋە راۋان بولغاندىن باشقا ، دۆلىتىمىزگە تەمىنلەنگەن نۇسخىسىدا يەنە مەخسۇس يەرلىكلەشتۈرۈلگەن نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بار ، كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى تۆۋەندىكىدەك :

  • 处理器: 1 GHz 及以上x64兼容处理器
  • 内存: 2GB 及以上
  • 硬盘: 20GB 及以上
  • 显卡: 支持DirectX 9 及以上
  • 显示器: 1024 x 768 分辨率及以上
  • 网络:至少必须包含一种网络连接选择,如 Wi-Fi 或以太网适配器


يۇقىرىقى ئۇچۇردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، Win10 ئىشلەتكۈسى بار ، كومپيۇتېرىنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەنرەك بولغان ئىشلەتكۈچىلەر بۇنى سىناپ كۆرسە بولىدۇ ،  ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكا (SSD) بولمىسا ، بۇ يەردە بىر يۇمشاق دېتالنى تەۋسىيە قىلاي : PrimoCache بۇ يۇمشاق دېتال ئىچكى ساقلىغۇچ يېتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بىر قىسىمىنى قاتتىق دېسكىغا Cache (يەنى ئىككىلەمچى توقۇنۇشنى پەسەيتىش ساقلىغۇچى) قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق قاتتىق دېسكىنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ، بەيدۇدىن يۇمشاق دېتال نامىغا ئاساسەن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ .

قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش تەسىراتى

قاچىلىغاندا WinPE ئارقىلىق قاچىلاشنى تازا تەۋسىيە قىلمايمەن . سەۋەبى كۆپ قىسىم WinPE سىستېمىلار كۆپلىگەن ئېلان ۋە لۈكچەك دېتاللارنى سىستېمىغا قوشۇپ قويىدىغان بولۇپ ، قاچىلىغىڭىز ھەر قانچە ياخشى سىستېما بولسىمۇ ، لۈكچەك دېتاللارنى يۇيۇپ ، سىستېمىنى پاكىزلاپ بولغۇچە ھۆ دېگۈزۈۋېتىشى مۇمكىن ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل Ultra ISO دا بارماقدېسكىغا ئويۇپ ، ئاندىن بارماقدېسكىدىن قاچىلاش پروگراممىسىنى يېتەكلەپ قاچىلاڭ ، Win7 دىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىمۇ قوللىمايدىغان بولۇپ ، ناۋادا سىز Win7 نىڭ كارخانا نەشرىنى ئىشلىتىۋاتمىغان بولسىڭىز ، يەنىلا يېڭىباشتىن قاچىلاڭ .


قاچىلانغاندىن كېيىن سىستېما رايونىدىن پەقەت 10GB ئەتراپىدا بوشلۇق ئىگەللەيدىغان بولۇپ ، سىستېما يۈرۈشۈش داۋامىدا ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە CPU بايلىقىنىمۇ ناھايىتى ئاز ئىگەللەيدۇ ، مەزكۇر سىستېمىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سالونىمىزغا w ھەرپىنى يوللاڭ . ئېرىشكەن ئادرېسنى كومپيۇتېرغا ئەۋەتىپ ، 迅雷 ئەپ دىتالىغا چاپلاپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ . مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى ، تېخىمۇ كۆپ كومپيۇتېر ، يانفون ، تور بىلىملىرى ۋە تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئۆگىنىشكە قىزىقسىڭىز، مۇنبىرىمىزگە دىققەتتە بولغايسىز .

سىكاننىرلاڭ

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش3تارتۇقلاش
تارقىتىش
ئىنكاس جەمئىي2تال

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ

    • بىلقۇت
    • مۇشۇ تىمىنىڭ ئاخىرىغا سالونىڭلىنىڭ ئىككىلىك كودىنى قىستۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپسىلە بۇرادەر ?
      2يىل بۇرۇن