ئېغىر جىنايەتچىدىن پىروگرامما ئىنژېنېرلىقىغىچە

Jesse Aguirre ھازىر داڭلىق SaaS مۇلازىمىتى شىركىتى Slack نىڭ بىر يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى . Slack بۇ يىل 6 -ئايدا نيۇيوركتا پىيىنى بازارغا سالغان بولۇپ ، ھازىر بازار قىممىتى 117 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ . Jesse Aguirre نىڭ ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى كىرىمىنىي جىلغىسىدىكى داڭلىق شىركەتلەردىن كەلگەن ياكى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار .


26 ياشلىق Aguirre تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۈتكۈزمىگەن، ياكى ئۇ جوبىسقا ئوخشاش تالانت ئىگىسىمۇ ئەمەس . ئۇ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن ، Slack دا يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى بولۇش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتى ئىدى .


Aguirre كالفورنىيە شىتاتى لىنۋۇد شەھرىدىكى لانتىنلار رايونىدىكى بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان ، ئون نەچچە يېشىدىلا شۇ جايدىكى قارا گورۇھقا كىرگەن ، دائىم ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان ، 2010 – يىلىدىكى بىر قېتىملىق قوراللىق ئېتىشىش دېلوسىدا Aguirre قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش قاتارلىق جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگەن ، ھەمدە 18 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .


شۈبىھسىزكى ، Aguirre ئاخىرقى ئۆمرىنى تۆمۈر دېرىزە ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى ، لېكىن بۇ بۆلەك تۈرمە ھاياتى Aguirre نىڭ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدىن چىقىپ كېتىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى . Aguirre تىيېمۇ شىتاتى تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ، “ئەڭ ئاخىرقى بىر مىل” ( The Last Mile,TLM ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەربىيلەش پىلانىغا قاتناشتى ، بۇ پىلان تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا پروگرامما تۈزۈش ماھارىتىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرەتتى .


بىراق ھەممە مەھبۇسنىڭ بۇ پىلانغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بولۇشى ناتايىن ئىدى ، ئىلتىماس قىلغان مەھبۇسلار چوقۇم ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىغان بولۇشى ، يەنە ئىلگىرى تۈرمىدە ئۆز قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان پائالىيەت ياكى دەرسلەرگە قاتنىشىپ باققان بولۇشى ، ھەمدە تۈرلۈك تەپەككۇر ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان «مەكتەپكە كىرىش سىنىقى»دىن ئۆتىشى كىرەك ئىدى .


بۇنىڭدىن باشقا بۇ پىلان مەھبۇسلارنى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىنى مەقسەت قىلغان . شۇڭا ئاساسلىقى جازا مۇددىتى بىر قەدەر قىسقا مەھبۇسلارنى قاراتمىلىق تەربىيەلەش نىشانى قىلغان ، پەقەت %10 تەربىيەلەشكە قاتنىشىش پۇرسىتى ئۆمۈرۋايەت قامالغان مەھبۇسلارغا قالدۇرۇلغان . بەختكە يارىشا 2014-يىلى كالىفورنىيە شىتاتى سوت مەھكىمىسى Aguirre غا بولغان ھۆكۈمدە خاتالىق بار دەپ قاراپ Aguirre نىڭ جازا مۇددىتىنى يەتتە يىلغا قىسقارتقان .


2017 -يىلى مىلاد بايرىمى ھارپىسىدا ، شۇ چاغدىكى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى Jerry Brown ئەپەندى Aguirre نىڭ تۈرمىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىپادىسى سەۋەبىدىن ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى ، بۇ چاغدا Aguirre مۇ GED گۇۋاھنامىسىگە ( ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى) ئېرىشتى ھەمدە پىروگرامما تۈزۈش مەشىق لاگېرىنى پۈتكۈزدى .


Aguirre جەمىيەتكە چىققاندىن كىيىن Slack شىركىتىدە پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى . كىيىن Aguirre نىڭ پىروگرامما تۈزۈش تالانتى Slack شىركىتى رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن . ئۇلار مۇنداق دەيدۇ : « تۈرمىدىن چىققان پىروگراممېرلارنىڭ تور يوق ھالەتتە پىروگرامما تۈزۈش ئىقتىدارى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ . » تۈرمە ئىچىدىكى تەربىيەلەش پىلانىنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق ئىدى . پۈتۈن تەربىيەلەش پىلانى ئىككى قېتىملىق مۇددىتى 6 ئايلىق تەربىيلەشتىن تەركىب تاپىدۇ .

ئالدىنقى 6 ئاي ئالدى يۈز تېخنىكىسى (前端) كېيىنكى 6 ئاي ئارقا يۈز تېخنىكىسى (后端) ئۆگىتىلىدۇ . ھەر ھەپتىدە 4 كۈن ، كۈندە ئەتتىگەن 7 دىن چۈشتىن كىيىن 2 گىچە . دەسلەپكى 1 ئايدا مەھبۇسلار قەلەم بىلەن قەغەزگە كود يازىدۇ . كېيىن كومپىيوتېر ئىشلىتىپ كود يېزىش ۋە مۇئەييەن چەكلىمە ئاستىدا تورغا چىقىپ ماتىريال ئىزدەش شارائىتى تەمىنلىدۇ .


12 ئايلىق تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن Aguirre نىڭ پىروگرامما تۈزۈش ئىقتىدارى تۈرمىدىكى ۋاقتىدىلا پىشىپ يىتىلگەن . جەمئىيەتكە چىققاندىن كىيىن Slack شىركىتىدە يېرىم يىلدىن كېيىنلا ئالىي پىروگرامما ئىنژېنېرى ئورنىغا ئېرىشكەن . لىكىن جەمئىيەتتە تۈرمىدىن چىققانلارنى كەمسىتىش ئىزچىل ساقلىنىپ كىلىۋاتقان مەسىلە . Slack شىركىتى خېرىدارلىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بار خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىشىنى رەت قىلغان . كەمسىتىش مەسىلىسى تۇرمۇشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان . Aguirre يېرىم يىلدا 50 دىن ئوشۇق ئۆي كۆچۈپ ئاخىرى ئۇنى تۇرغۇزۇشنى خالايدىغان ئۆي ئىگىسىگە ئۇچرىغان .

شۇنداق جاپالارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن Aguirre ھازىرقى تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە ئىنتايىن مىننەتدارلىق ھىسياتىغا تولۇپ ياشىغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ : « مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىم ماھىر تاللاش يېغىنىدا NBA تاللانغاندەكلا ھاياجانلىق ئىش » دىگەن .


تۈرمىدە پروگرامما تۈزۈش ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىنى پەقەت Aguirreلا ئەمەس ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ رىۋايەتلىكى Zachary Moore ئىسىملىك بىر ئەر . Zachary Moore ئۆزىنىڭ 15 يېشىدا ئىنىسىغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن 26 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان . 20 نەچچە يىلدىن بۇيان Moore ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدىن نۇرغۇن تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن .

كىيىن ئۇمۇ Aguirre غا ئوخشاش تېمۇ شىتاتلىق تۈرمىدە «ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىنگلىز مىلى» پىلانىغا قوشۇلۇپ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى . گەرچە ئەينى ۋاقىتتا Moore تۇغۇلغاندىن بۇيان پەقەت ئۈچ قېتىم كومپيۇتېر ئىشلىتىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈردى ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈردە نۆلدىن باشلاپ تەقلىدىي ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكىتى قۇردى .


2018-يىلى ، تۈرمىگە كىرگىنىگە 22 يىل بولغان Moore قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشتى ، ئۇ ئالدى بىلەن TLM دا يېرىم يىل قوشۇمچە ئىنژېنېر بولدى . بۇ يىل 9 -ئايدا Moore سىلىتسىي جىلغىسى داڭلىق شىركەتلەردىن بىرى Checkr نىڭ ئېنژىنىرىغا ئايلاندى ، يىللىق مائاشى 6 خانىلىق ساندىن ئاشتى . قىزىقارلىق يېرى شۇكى ، Checkr شىركىتى خېرىدارلارغا شىركەت ۋە شەخىسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ ، ئۇنىڭ %6 خادىمىنىڭ ئىلگىرىكى جىنايىتى ئۆتكۈزۈش تارىخى بار .


«ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىنگلىز مىلى» پىلانىدا تەربىيىلىنىپ چىققانلار تىزلىكتە جەمىيەتكە ماسلىشىپ ئۆزىگە ماس كىلىدىغان خىزمەتكە ئېرىشكەن . بۇ پىلاندا تەربىيەلەنگەن جىنايەتچىلەر قايتا جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ياكى قايتا تۈرمىگە كىرمىگەن . بۇ پىلان مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە نىسبەتەنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە .


سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە ، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئادەم ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ، ھەر يىلى ھۆكۈمەتكە 182 مىليارد دوللار مالىيە يۈكى ئېلىپ كېلىدىكەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش5تارتۇقلاش
تارقىتىش
ئىنكاس جەمئىي4تال

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ

    • 沉默的爱情
    • بىزنىڭ رايونىمىزدىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا يەنە يۇمشاق دېتال جەھەتتە ؟ تەربىيىلىنىشكە ئىمكانىيەت بارمۇ .
      2يىل بۇرۇن