سالون كىنوخانىسى ئەسلى كودى

سالام تورداشلار مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن ، بۈگۈن ئالاھىدە چوڭ ئىشمۇ يوق 😆 شۇ ھۇزۇرۇڭلارغا رېنجىڭ فۇۋۇخاۋ سالونلارغا ماس كىلىدىغان كىنوخانا ئەسلى كودىنى ئېلىپ كەلدىم ، ئادەتتە رېنجىڭ فۇۋۇخاۋ سالونلارغا ئەزانى جىق يىققان بىلەن ئايدا پەقەتلا تۆت قېتىملا تىما يوللىغىلى بولىدىغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى بۇ يەردە … دىمەك ئايدا تۆت قېتىملا مەزمۇن يوللىساق ئەزانى تۇتۇپ تۇرۇشمۇ بىر مەسىلە ، ھەم كۈندىن كۈنگە سالونلارنىڭ تېڭشۈندىن ئۇرىدىغان ئېلان پۇلىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى ، شۇڭلاشقا سالونىڭلارنىڭ ۋېيشىن جىفۇ ئىقتىدارنى ئېچىپ بولغاندىن كىيىن 99 كويغا بىر مۇلازىمىتىر 50 كويغا ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىدىن بىرنى سېتىۋېلىپلا سالونىڭلارغا كىنوخانا  ياساپ قويساڭلا سالونىڭلاردىكى ئەزالار مەزمۇن يوللىمىغان ۋاقتىڭلاردا سالونىڭلارغا كىرىپ كىنو كۆرىدۇ دىمەكچىدە … ئەمىسە قۇرۇق گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن … تۆۋەندە كىنوخانا ئالدى بەتتىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق كۈرۈپ باققايسىلە …

ئەمدى كىنوخانا ئىقتىدارى ۋە تەلەپلەر توغرۇلۇق توختىلىمەن ، كىنوخانا ئىقتىدارى كۆرگۈنۈڭلەردەك ھەقلىق ھەقسىز ۋە ئالاھىدە ئەزالىق فىلىملەرنى قوللايدۇ فىلىملەرنى ھەقسىز چىقارساڭلار سالونىڭلارنىڭ تەشۋىقات تىمىسىنى چەمبىرەككە ياكى توپقا يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن كىنولارنى كۆرەلەيدۇ ، ئەلۋەتتە تەشۋىقات تىمىسىنى خالىغانچە بىكىتسەڭلار بولىدۇ ، ھەقلىق فىلىم چىقارساڭلار فىلىم باھاسىنى خالىغىنىڭلارچە بەلگىلىيەلەيسىلە ، ئالاھىدە ئەزالارلا كۆرەلەيدىغان قىلىپ چىقارساڭلار سىلەر بىكىتكەن ئالاھىدە ئەزالىق تۈزىمىگە ئاساسەن ئالاھىدە ئەزالىق ھوقۇقىنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن كۆرەلەيدۇ ، قۇشۇمچە شارائىتى يار بەرمىگەن سالونى بار دوسلۇرۇڭلار كىنوخاناڭلاردىن سالونى نامىدا كىنوخانا ئايرىپ كىنوخانا ياسىيالايدۇ ، پايدا ئايرىش ئىقتىدارىغا كەلسەك ئىختىيارى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۋالساڭلار بولىدۇ ، كىنوخانا كۈرۈنمە يۈزى كۆرگىنىڭلاردەك كۆركەم قىلىپ لايىھەلەنگەن ئىقتىدارلار تۇلۇق … ئەمدى تۆۋەندە ھۇزۇرۇڭلارغا كىنوخانىنىڭ ئارقا باشقۇرۇش سۇپىسىدىن بىر قىسىم كۈرۈنۈشلەر سۇنۇلدى ، كۈرۈپ باققايسىلە …

كىنوخانا ئارقا بېتىمۇ ئۇيغۇرچە كۆركەم لايىھەلەنگەن ، گەرچە مەزكۇر كىنوخانا ئەرزان باھادا سېتىلىپ پىفا بوپ كەتكەن بولسىمۇ ئىقتىدار جەھەتتىن ياخشى تاللىشىڭلار بولالايدۇ ، ئىھتىياجلىق دوسلار سېتىۋېلىپ چۈشۈرگەندىن كىيىن كۆرۈنمە يۈز ئىقتىدار قىسىملىرىنى ئىھتىياجىڭلارغا قارىتا ئۆزگەرتىپ ئەلەلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەڭلارمۇ بولىدۇ ،  ئەلۋەتتە پىروگىرامما تىلىدىن خەۋىرىڭلا بولسا دىمەكچىدە 😆 

ھەقلىق دىتال
© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش5تارتۇقلاش
تارقىتىش
ئىنكاس

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ