سالام تورداشلار مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىك بولسۇن ، بۈگۈن تور دىسكامنى ئارلاۋېتىپ بۇرۇن ساقلاپ قويغان بىر دىتالنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، ھەم تورداشلارمۇ ئىشلىتىپ باقسۇن دەپ مۇنۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ نەق گەپكە كەلسەك بىز بىرەر دەرىس سىنغا ئالماقچى بولساق ياكى كومپىيوتىر ئېكرانىنى سىنغا ئالىدىغان ئىشلار بولسا ئىنىقلىقى يۇقىرى سىغىمى كىچىك ھالەتتە سىنغا ئالدىغان بىر دىتالغا ئىھتىياجلىق بولىمىز ، توردىن ئىزدىسەك نۇرغۇن دىتاللار بار ئەمما كۆپىنچىسى ھەقلىق ياكى سۇ تامغىسى بار ھالاتتە سىنغا ئالىدىكەن ، بۇ قېتىم سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن دىتال بولسا ئورگان تورىدىكى باھاسى بىر كومپىيوتىرغا قاچىلاش ئۈچۈن 249 يۈەن خەجلىشىمىزگە توغرا كىلىدىكەن ، ئەلۋەتتە يانچۇقۇڭلادا پۇل جىق بولسا ھەقىقى نەشرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەڭلارمۇ بولىدۇ ۋە ياكى مۇنبىرىمىز تەمىنلىگەن مۇكەممەل يىشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلەرمۇ بولىدۇ … دىققىتىڭلار تىما داۋامىدا بولسۇن …
مەزكۇر دىتالنى مۇنبىرىمىزدىن چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن پىرىستىن يىشىپ Bandicam-v4.1.4.1413.exe ناملىق ھۆججەتنى قاچىلايمىز ئاندىن كىيىن Bandicam 通用注册机 ناملىق ھۆججەتكە كىرىپ BandicamKegGen.exe ناملىق ھۆججەتنى قوزغىتىپ خالىغان بىر ئىلخەتنى توشقۇزۇپ ئىلخەت توشقۇزغان رامكا ئاستىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىۋەتسەكلا دىتال ئاكتىپلىنىدۇ ۋە سېتىۋېلىش ئەسكەرتىشى ياكى سۇ تامغا چىقىۋالمايدۇ ، يەنى سىزگە VIP لىق ھوقۇقى بىرىلىدۇ …
دىتال توغرۇلۇق ئالاھىدە توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، كومپىيوتىرىڭىزدا win7 ياكى win10 مەشغۇلات سىستىمىسى بولسىلا نورمال ئىشلەۋېرىدۇ ۋاقتىنچە ئالما نەشرىنىڭ يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى بايقالمىدى ، دىتال تىلى خەنزۇچە سىنغا ئېلىش ۋە ئۇچى بۇچى تەڭشەكلىرىنى ئىھتىاجىڭلارغا قارىتا تەڭشەپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ . تۆۋەندە مەن شەخسەن تەڭشەپ كۆنگەن شەكىلنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم …
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش